جياڭسۇدىكى توپ تارقىتىش بازىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.07.09

8-ئىيۇل كۈنى جياڭسۇنىڭ چاڭجۇ شەھىرىدىكى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن سودىگەرلەر بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى توپ تارقىتىش بازىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق سودىگەر، دائىرىلەرنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىدا ئوتتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش نامىدا تىجارەتنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بازار توختىتىلغانلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەرلەرنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، شەھەرلىك ھۆكۈمەت توپ تارقىتىش بازىرىغا 300دىن ئارتۇق ئالاھىدە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەرنى لازا سۈيى قاتارلىقلارنى چېچىش ئارقىلىق مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ،ھەر ئىككى تەرەپتىن يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، نارازىلىق نامايىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان 3 نەپەر سودىگەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

نامايىشنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن توپ تارقىتىش بازىرىدا ۋەزىيەت ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ،نۆۋەتتە شەھەرلىك ھۆكۈمەت توپ تارقىتىش بازىرىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.