خىتايدا 2016-يىلى 2500 دىن ئارتۇق تور بەت تاقالغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.12.18


خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2016-يىلى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان «تور تازىلاش» ھەرىكىتىدە جەمئىي 2500 دىن ئارتۇق تور بەت تاقىۋېتىلگەن.

پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر تور بەتلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ۋە قانۇنسىزلىق سادىر قىلغان تور بەتلەرنى ھەم بلوگلارنى تاقاش ھەرىكىتى خىتاي دۆلەتلىك «سېرىقنى تازىلاپ، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، «خەلق تورى»نىڭ مەزكۇر ئورگاندىن ئېنىقلىشىچە، 2016-يىلى، 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ مىليون 270مىڭ پارچە شەھۋانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇر ئېنىقلاپ چىقىلىپ، قانۇنسىز 2500 دىن ئارتۇق تور بەت تەكشۈرۈلۈپ، رەسمىي تاقىۋېتىلگەن.

ئەمما، مەزكۇر تاقالغان تور بەتلەر تەركىبىگە ئۇيغۇرچە تور بەتلەر كىرگۈزۈلگەن-كىرگۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،،مەخسۇس تۈردە تېڭشۈن، بەيدۇ، شىڭلاڭ قاتارلىق 360 دىن ئارتۇق ھەر قايسى چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.

دائىرىلەر بۇ قېتىمقى تور بەتلەرگە قارىتىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى شەھۋانىيلىق قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قانۇنغا خىلاپ خەۋەر تارقاتقۇچى تورلار ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرگەنلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، مۇھىم خەۋەر تورلىرىغا قارىتا قاتتىق نازارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاي خەۋەر تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنداق پۈتۈن خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تور بەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىدە 2015-يىل 4977 تور بەت تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىياردىكى تور بەتلەرگە قارىتىلغان نازارەت يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2016-يىلى كونتروللۇق يەنە ئاشقان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۇلىنىش»ناملىق تور بەتلەر تىزىملىكىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئېچىلماس بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارغا بولغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئۆمەرجان بوز قىر، تۇرسۇنجان مارشال قاتارلىق بىر قانچە تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.