دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «خىتاينىڭ تۈرمىلەرنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىشى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك»

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.03.27

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2018‏-يىلدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى تۈرمىلەرنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىپ قۇرغان. خەۋەردە، ھازىرغا قەدەر 34 تۈرمىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلغانلىقى، لېكىن بۇ كېڭەيتىپ قۇرۇلغان تۈرمىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېڭەيتىپ قۇرۇلغان بۇ تۈرمىلەر خۇنەندىكى شاۋياڭ تۈرمىسى، يوڭجۇ تۈرمىسى، گۇيجۇدىكى شىڭيى تۈرمىسى، خېنەندىكى لوياڭ ۋە خېيلوڭجياڭدىكى خاربىن تۈرمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى يوڭجۇ تۈرمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلىرىنىڭ خۇنەندىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمە خادىمى «مېنىڭ تۈرمىدىن ئايرىلغىنىمغا بىر قانچە ئاي بولدى، بۇ ئىش ماڭا ئېنىق ئەمەس» جاۋاب بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىلەرنىڭ كەڭ كېڭەيتىلىشى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ 26-مارت كۈنى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنى زور تۈركۈملەپ قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قانۇنسىز قامىغاچقا بۇ ئورۇنلار ئادەم بىلەن توشۇپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. شۇڭا، ئۇ تۇتقۇنلارنى پىلانلىق تۈردە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىمەكتە» دېگەن. يېقىندا رادىيومىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ خېيلوڭجياڭ، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.