خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چېرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-24
Share


«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي چېرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن. مەزكۇر ھەرىكەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كۆرۈشى ئۆتكۈرلەشتۈرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دائىرلەر ئۇيغۇر ئېلىدە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ بىر تەرەپ قىلغان ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 54 نەپەرگە يەتكەن، 700 دىن ئارتۇق دېلو چېرىكلىك مەسىلىسى بويىچە قاراپ چىقىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئاتۇش تەۋەسىدىن 32 ئەمەلدارنى كوللېكتىپ ھەج ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە «پارا ئېلىش» ۋە «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەردىن ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جەيمىس لەيبولد ۋە خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى باري ساۋتماننىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دائىرلەر ئۇيغۇر ئېلىدە چېرىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق ئەمەس دەپ، قارالغان ئەمەلدارلارمۇ زەربە نىشانى قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت