خىتاي - ئۆزبېكىستان ئىنسان ھوقۇقىنى بىرلىكتە قوغداش ئالاقىسى قىلىش ھەققىدە پۈتۈشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-10-06
Share


خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان مىللىي كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇچرىشىپ مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ھەققىدە مېموراندۇم ئىمزالىغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمىدە ئۆزئارا قانۇن تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەم تەتقىق قىلىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

«ئۇزاگېنتلىقى»نىڭ يېزىشىچە، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئەھۋاللىرى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كەتكەن بولۇپ، خەلقارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ بۇ ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئۆزبېكىستان بىلەن خىتايدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقنى بۇزۇش جەھەتتە تونۇلغان مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى قىزىقىش قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت