خىتاي ۋاكسىنىسى ئەملىگەنلەر ھەجىگە بارالمايدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.05.27

ئۆتكەن يىلى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن چەكلىك ساندىكى ھاجىلارنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانى يېقىندا بۇ يىللىق ھەج نورمىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ھۆججىتىدە بۇ يىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 60 مىڭ ھاجى نامزاتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بىراق بۇ ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرىشى ئۈچۈن ئۇقتۇرۇشتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋاكسىنىلارنى ئەملىگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«Express Tribune» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ تىزىملىكىگە فايزېر، ئوكسفورد، مودېرنا، جونسون ۋە جونسوننىڭ ۋاكسىنىلىرى كىرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ سىنوۋاك شېركىتى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنا كىرگۈزۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەن پاكىستانلىق ھاجى نامزاتلىرىنى دۆلەتكە كىرگۈزمىگەنلىكتىن قالايمىقانچىلىق پەيدا بولغان ئىكەن ۋە سەئۇدى دائىرىلىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

تۈركىيەدىكى «خەۋەر تۈرك» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى خىتاي ئىشلەپچىقارغان سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى ئاساس قىلىپ قىلىپ ئەملىگەن تۈركىيە، ھىندونوزىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆتلەردىكى ھاجى نامزاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

تۈركىيە بۇ يىل 1-ئايدا قوبۇل قىلغان 50 مىڭ خىتاي ۋاكسىنىسى تۇنجى قېتىم 60 ياشتىن ئاشقانلارغا ئەملىگەن بولۇپ، ھەجىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 60 ياشتىن ئاشقانلار ئىكەن. شۇڭا ئەگەر سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئۆزگەرمىسە، تۈرك ھاجى نامزاتلىرى بۇ يىلمۇ ھەجىگە بارالمايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ۋاكسىنىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.