خىتاي ۋاتىكاننى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.03.14

چارشەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ يېڭى پوپى سايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى ۋاتىكاننى تەبرىكلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ۋاتىكان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاتىكاننىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1949 - يىلى ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاتىكاننىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا ۋە ئۆزلىرى سايلاپ چىققان بىشوپلارنى ئېتىراپ قىلماسلىقىغا ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلگەن. خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدىمۇ ۋاتىكاننى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كاتولىك دىنى ئەزالىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كاتولىك جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، كاتولىك پوپى بەلگىلەش ئارقىلىق كاتولىك مۇرتلىرىنىڭ ۋاتىكان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.

2012 - يىلى، خىتاي دائىرىلىرى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنىڭ كاتولىك بىشوپىنى بېكىتكەندە ۋاتىكان بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، ۋاتىكاننىڭ رۇخسىتىسىز ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھەرقانداق پوپنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنئەنىۋى دىنىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، دىنى ئەركىنلىكنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.