ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشىنى ئەيىبلەش قارار لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلىكتە 24-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرلىرى ئەيىبلەنگەن قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇردى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس بۇ ھەرىكەتنى باشلىغۇچى بولۇپ، بۇ لايىھىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشتىكى خاتالىقىنى «مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان ئامىل» دېيىلىدۇ.

ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەگە مەنسۇپ پالاتا ئەزالىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىمزا قويغان بۇ لايىھە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ۋىرۇسنى چۆرىدىگەن قاتتىق تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىقتى. لايىھىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس دەسلەپ بايقالغاندا ئۇچۇرنى يوشۇرۇشى، بايقالغان ۋىرۇس بىمارلىرىنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇچۇر ھەققىدە يالغان مەلۇمات تارقىتىشى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنىڭ «ئېغىر ۋىرۇس تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› گە ياردەم بېرىش» ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىشى قاتارلىقلار ئەتراپلىق بايان قىلىندى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كۆپلىگەن پالاتا ئەزالىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «ئىككى مىليونچە ئۇيغۇر ئەمگەك لاگېرى شەكلىنى ئالغان لاگېرلارغا قامىلىپ بولدى. ھازىر شارائىتى بەكمۇ ناچار بولغان بۇ لاگېرلار ۋىرۇس تازا ئەۋج ئالىدىغان يوشۇرۇن نۇقتىلاردىن بولۇپ قالماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.

لايىھىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئامېرىكىغا ئارتىپ قويماقچى بولۇشى ھەمدە خىتايدىكى ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنى قوغلىماقچى بولۇشى قاتتىق ئەيىبلەندى. جىم بانكس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى يالغانچىلارنىڭ پىر-ئۇستازىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆتۈرۈپ چىققان ‹پاكىتلار› غا ئىشىنىشكە بولمايدۇ،» دېدى. ئاخباراتچى ئىساك ستون فىش بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا دائىر ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي يالغان بولغاچقا ئۇنى خەۋەر قىلماسلىقىمىز لازىم،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت