خىتايدا مەيدانغا كەلگەن ۋاكسىنا سەتچىلىكىگە چېتىلىپ 130 ئادەم قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.26

خىتايدا مەيدانغا كەلگەن ساختا ۋاكسىنا سەتچىلىكىگە چېتىلىپ 130 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ساختا ۋاكسىنىلارنىڭ تارقالغانلىقىغا ئائىت تەكشۈرۈش ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىلا باشلانغان بولۇپ، 2015 - يىلى ئاپرېلدا مەزكۇر ساختىلىققا باش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئايال تۇتقۇن قىلغان.

ب ب س دا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى باشلىغان مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ۋە قولغا ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر جامائەتكە ئاشكارىلانمىغان.

«دەۋەر ژۇرنىلى» نىڭ كۆرسىتىشچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئايال شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇ، 2010 - يىلىدىن بۇيان قىزى بىلەن بىرلىكتە ساختا ۋاكسىنىلارنى تارقىتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان.

دائىرىلەر مەزكۇر ساختا ۋاكسىنا تارقىتىش تورىنىڭ 24 ئۆلكىگە تارالغانلىقى، بۇلارنىڭ 90 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۈجمەل ۋاكسىنىلارنى تارقاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە تارقىتىش تورىغا چېتىلغان 130 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر 21 - مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا نۆۋەتتە تارالغان ساختا ياكى مەسىلە بار ۋاكسىنا تۈرىنىڭ 12 خىلغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل يانۋاردا ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە غۇلجا تەۋەسىدە قىزىل يۇقۇمىنىڭ يامراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن باللاردىمۇ يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر ۋاكسىنىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ياكى ساختا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى مەسىلە بار ۋاكسىنىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارالغان ياكى تارالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.