Bon Jovi خىتايدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان كونسېرت بىكار قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.09.09

ئامېرىكىلىق ناخشا چولپىنى بون جوۋى( Bon Jovi) نىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان ئايلانما كونسېرت كېچىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئۇنىڭ خىتايدىكى كونسېرت كېچىلىكى 14-سېنتەبىر شاڭخەيدە ۋە 17-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. كونسېرت تەشكىللىگۈچىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كونسېرتنىڭ «كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلى» بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى ئاشكارىلىمىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇزىكا ساھەسىنىڭ بىر خادىمى بۇ كونسېرت كېچىلىكىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا بون جوۋىنىڭ ئىلگىرىكى MTV لىرىدە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە 2011-يىلى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سەنئەت كېچىلىكىدە دالاي لامانىڭ پورترېتى ئالدىدا ناخشا ئوقۇغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خىتايدىكى كونسېرتنى تەشكىللىگۈچى شىركەت-AEG Live Asia سېتىلغان بېلەتلەرنىڭ قايتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاماشىبىنلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە دالاي لاما قاتارلىقلار خىتايدا چەكلەنگەن ئاتالغۇلارنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، بان جوۋى كونسېرتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى خىتاي ئاتالمىش تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئاچقان يىغىن بىلەن بىر كۆنگە توغرا كەلگەن.

بون جوۋى 1983-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا مۇزىكا ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنياغا تونۇلغان چولپانلارنىڭ بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.