خىتاي خاككېرلىرىنىڭ زىيانلىق يانفون پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پايلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-24
Share

ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان بىر توپ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ مەخسۇس زىيانلىق يانفون پروگراممىلىرىنى تورغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق پايلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«تور دۇنياسى» تورىدا 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدا يېزىلىشىچە، Android تېلېفونلىرى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بىر قىسىم پروگراممىلارغا خىتاي خاككېرلىرى بەزى جاسۇسلۇق پروگراممىلىرىنى يۈكلەپ قويغان. بۇ پروگراممىلارنىڭ بەزىلىرىگە ھەتتا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ماۋزۇ قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى پروگراممىلارنى Android تېلېفۇنلىرىغا ئورنىتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفوندىكى شەخسىي ئالاقە ۋە ئۇچۇرلىرىنى خاككېرلار خالىغانچە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىۋالغان.

كالىفورنىيەدىكى تور بىخەتەرلىكى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى بىر قىسىم شىركەتلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ھەر خىل ناملاردا تورغا قويۇپ بېرىلگەن بىر قاتار زىيانلىق پروگراممىلارنىڭ مەخسۇس خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىزىقىشلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىغا دىققەت قىلغان.

ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ خاككېرلار ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 2012-يىلىدىن بۇيان ئاكتىپ مەشغۇلات قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت پائالىيەتچىلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى نۇقتىلىپ يىغىپ كەلگەن» دېگەن ھەمدە بۇ جاسۇسلۇق پروگراممىلىرىنىڭ Android تېلېفۇنلىرىدىن باشقا تېلېفونلاردا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت