خىتايدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بۇ ئايدا يەنە تۆۋەنلىگەن
2013.05.25
خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرى ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۈرئىتى بۇ ئايدا يەنە تۆۋەنلىگەن.
«ۋول سترىت ژۇرنىلى» دا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلار مۈجمەل بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرى ھەققىدىكى تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بەزى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىزمەت ئېلانى تور بېتى - «جاۋپىڭ» تورى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئاپرېلدا كەسكىن تۆۋەنلىگەن.
بۇ خىل تۆۋەنلەش مايدىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە قىسقىرىشى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكى شىركەتلەردە چېكىنىش بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خەۋەردە نۆۋەتتە خىتايدىكى خىزمەت پۇرسىتى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالى چېلىش ئالدىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.