ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىدا، خوڭكوڭدا ئەركىنلىك بوغۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-06
Share

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدا ئەركىنلىكنىڭ بوغۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خوڭكوڭنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، جىددىيلىك پەسەيتىلمىسە، بۇ كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد ئوتتوۋېي: ئەندىشە قوزغىغان رېئاللىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيىنىڭ بوغۇلغانلىقىدۇر بولۇپمۇ سىياسىي ئىسلاھات ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقىدۇر، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» يولغا قويۇشقا ۋەقە بېرىپ، 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغان. لېكىن خوڭكوڭنىڭ ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دوكلاتى دەل خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.

جۈمە كۈنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى جاڭ دېجياڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە خوڭكوڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىققا چاقىرىش خەتەرلىك ھەم يول قويۇلمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭغا ئارىلىشىش ھەقىقىي يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «خوڭكوڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ئەنگلىيەنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن. لېكىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دوكلاتى خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى ئالبېرت خۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىنى قوللاپ، «ئۇلار ئەلۋەتتە راست گەپنى قىلغان» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت