خىتاي دائىرىلىرى ئېغىر يامغۇر ئاپىتى ھەققىدە 3 - دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-07-03
Share


خىتاي ھاۋارايى دائىرىلىرى ئېغىر يامغۇر ئاپىتى ھەققىدىكى كاۋاچېچىكى رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى شەنبە كۈنى يەنە يېڭىلىدى ۋە ئاپەتنىڭ كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە تىبەت، گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، ئەنخۇي، يۈننەن، جياڭشى ۋە جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش 4 دەرىجىلىك يەنى 4 خىل رەڭلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ ئېغىر يەنى 4 - دەرىجىسى قىزى رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، كاۋاچېچىكى بولسا 3 - دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دائىرىلەر قاتتىق يامغۇر ئاپىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە 3 - دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

شاڭخەي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدە پەيشەنبە كۈندىن بۇيان ياغقان ئېغىر يامغۇر 6 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلتۇراق ئوينى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 3 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر شەنبە كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خەينىڭ ناھىيەسىدە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

ئۆتكەن ئاي خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قارا قۇيۇن ئاپىتىدە 98 ئادەم ئۆلگەن، 800 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت