خىتاي ھۆكۈمىتى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.29

خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلاردىن بولغان بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىش ۋەقەسى پەسكويغا چۈشكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدە بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۈگۈن (جۈمە كۈنى) بېنگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوبۇل ھەسەن مەخمۇد بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ روھىنگا مۇساپىرلىرىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بېنگال ھۆكۈمىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايمىز،» دېگەن. ئوبۇل ھەسەن مەخمۇد ئۆزلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى بېنگالدىن بېرماغا قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىلىق تەپسىلىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى دۇنيا بانكىسى بېنگالدىكى روھىنگا مۇساپىرلىرىغا 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماددىي ياردەم بېرىشنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر بېنگالنىڭ كوكس بازىرى رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ 700 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگا مۇسۇلمانلىرى پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگېرى، دېيىشكە بولىدىكەن.

روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېرمادىكى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» تىن قوشنا بولغان بېنگالغا زور كۆلەمدە قېچىپ كېلىشى بىلەن بېرما ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئەمما ب د ت نىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بىردىنلا «شەپقەتچى» قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئانالىزچىلار «خىتاي بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويىماقچى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىماقچى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.