خىتايدىكى ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئېچىلىش ئالدىدىكى 3-ئومۇمى يىغىنغا تەلەپ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى بىر قىسىم ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نامايىش قىلىپ، ئېچىلىش ئالدىدىكى 3-ئومۇمى يىغىنغا تەلەپ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لياۋنىڭ، ئەنخۇي، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئەرزدار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، 29-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ يۇڭنىڭ ۋوگزالىدا «كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىغا تەلەپ سۇنىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋوگزالغا توپلانغان ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۆز تەلەپلىرىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللاردا «مۇقىملىق ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان مالىيە سەرپىياتىنى ئاشكارىلاش، ئەمەلدارلارنىڭ پارا ئالغان ۋە خىيانەت قىلغان سوممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت