خىتاي ئادۋوكات خەلقئارانى پائالىيەتچى جاڭ خەيتاۋنىڭ دېلوسىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى
2016.03.25
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي پائالىيەتچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئادۋوكاتى، خەلقئارانى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
ئۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمى «ئىنتايىن بىمەنىلىك» دەپ كۆرسەتتى. جاڭ خەيتاۋ 2015-يىلى 6-ئايدا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ، چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان.
جاڭ خەيتاۋ مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەھكىمىدە ئۇ «چەتئەلگە ئاخبارات يەتكۈزۈش»، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن سوتلانغان ئىدى.
جاۋ خەيتاۋ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان. يۇقىرى سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2- سوت ۋاقتىنى ھازىرغا قەدەر بېكىتمىگەن ئىدى.
ئادۋوكات ليۇ جىچىڭ جۈمە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 2-سوتنىڭ ۋاقتى 19- ئاپرېل توشىدىغانلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ئېھتىمال سوت ۋاقتىنى ئۇزارتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، «ئالدى بىلەن ئۇ گۇناھسىز. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا 19 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش ئىنتايىن بىمەنىلىك. بىز ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەمما دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ بۇ دېلوغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»









