كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيا لىن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.22

ئىلگىرى داڭلىق خىتاي ئۆكتىچى ئەي ۋېۋېي ۋە پۇ جىچياڭ قاتارلىقلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيا لىن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭ شەھىرىدىكى 2‏-ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شيا لىن بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال «ساختىپەزلىك قىلدى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىكەن. بىراق ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئېغىر جازا ئۇنىڭ داۋاسىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيران قالدۇرغان ھەم غەزەپلەندۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ «گۋاردىيان » گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاكتىپلىرى ئىلگىرى شيا لىن ئىشلىگەن سەزگۈر دېلولارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭدىن ئېغىر ئۆچ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك بايانات ئېلان قىلىپ، شيا لىنگە بېرىلگەن تۈرمە جازاسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ پاترىك پۇن، مايا ۋاڭ قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرى «گۋاردىيان گېزىتى»گە قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ سوت ھۆكۈمىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىكى بۇ چېكىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.