خىتايدا «چەتئەللىكتىن قورقۇش» خاھىشى يامرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.31

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلدىن ئىزدەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر مەزمۇنى دۆلەت ئىچىدە بۇ ھەقتىكى بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتقا كۆپلەپ ئورۇن بېرىشتە ئەكس ئەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇنىڭ روشەن ئۈنۈمىگە ئېرىشكەنلىكى تۈرلۈك شەكىللەردە كۆرۈلمەكتە.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 30-مارتتىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ شىددەت بىلەن يامراپ كەتكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي چېگراسىنىڭ چەتئەلدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە تاقالغانلىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا كۆك كۆز ۋە سېرىق چاچ كەلگەن چەتئەللىكلەرنى كۆرۈپ قالسا بەدەر قاچىدىغان كۈلكىلىك ۋەزىيەتنى ياراتقان. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىزدە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان يېڭى بىمارلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەن كىشىلەر» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋەرلىرى بۇ ھادىسىگە تېخىمۇ زور سەلبىي مەنىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم جايلاردىكى رېستورانلار، ماگىزىنلار ۋە مېھمانخانىلاردا بىر قىسىم خىتايلارنىڭ چەتئەللىكلەرنى كۆرسە ئۇلارغا ھاقارەت قىلىشتەك قىلمىشلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

بېيجىڭدىكى بىر ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «باغچىدا بالىسىنى يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر ئايال مېنى كۆرۈپلا بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە قېچىپ كەتتى،» دېگەن. يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدە «چەتئەللىك ئەخلەتلەردىن تارقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق ۋىرۇس بالاسىدىن ھوشيار بولايلى» دېگەندەك شوئارلار كۆپىيىپ قالغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ چەتئەل ئىكەنلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقتىن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا چەتئەللىكلەردىن قورقىدىغان، ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتىدىغان ياكى ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغان بىر ئومۇمىي كەيپىيات شەكىللەنمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «چەتئەللىكلەر چېگرادىن كىرىشكە بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇ ھال تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئامېرىكالىق تارىخشۇناس جېرېمېي جېننى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەگەر يېقىن كەلگۈسىدە ۋىرۇسنى ئەيىبلەش توغرا كېلىپ قالسا بۇنىڭ نىشانى چەتئەللىكلەر بولىدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، «خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇسى كونترول قىلىندى» دېگەن تەشۋىقات ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان خىتاي چېگراسىدىن كىرگەن ھەمدە يېڭىدىن ۋىرۇس يۇقۇمدارى، دەپ بېكىتىلگەن «چەتئەللىكلەر» نىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى چەتئەل پۇقرالىقىدىكى خىتايلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.