خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.28

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان دىنىي زاتلارغا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەققىدە مەخسۇس ئۆگىنىش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 70 نەچچە ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىما يېقىندا بېيجىڭغا ئاپىرىلغان ۋە تۆت ئايلىق «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۆگىنىش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار يەنە بۇ دىنىي زاتلارنى خىتاينىڭ فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە ئېكسكۇرسىيەگە ئاپىرىش ئارقىلىق ئۇلارغا دىن توغرىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرمەكچى بولغان.

جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ پائالىيەتلەر دىنىي زاتلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا يېڭى چۈشەنچىلەرنى بەخش ئېتىدۇ،» دېگەن.

بېيجىڭدىكى سىياسىي ئۆگىنىش جەريانىدا ئالاقىدار «مۇتەخەسسىسلەر» خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاق رايونلىرىغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۇرغۇنجان بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئىسلام دىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماسلىشىشى لازىم. شۇندىلا بۇ دىن ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ،» دېگەن.

چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ خادىمى لۇيىزا گرېۋ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقتۇر. ئىسلام دىنى خىتايچىلاشسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقى تۈگەيدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.