خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا «روھىي كېسەللىك» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرىدە بولسۇن ياكى باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا بولسۇن بىردەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا قارىتىلغان تەشۋىقاتلاردا بولسا بۇ مەسىلىنىڭ ئاشكارا تەكىتلىنىشى دۇنيا جامائىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يەنە بىر ياقتىن نامايان قىلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ئاتلانتىك تورى» دا 28-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى «روھى كېسەللىك» قاتارىدا «داۋالىماقچى» بولۇشى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تارقاتقان ئۇچۇرلاردا «ئىدېئولوگىيەلىك كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى» ئېيتىلغان.

ئۇنىڭدا بۇ خىل «ئىدېئولوگىيەلىك كېسەللىك» نىڭ ئىسلام «ئەسەبىيلىكى» ۋە زورلۇق-تېرورلۇق ئىدىيەسى بىلەن «يۇقۇملىنىش» ئىكەنلىكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ مەخسۇس «دوختۇرخانىلار» دا داۋالىنىشى لازىملىقى، چۈنكى بۇ خىل دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ «زەھەرلىك ئۆسمە» گە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى خاراب قىلىدىغانلىقى، بۇنداق ئىدىيەلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتمىغاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يامراپ كېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇش، ياغلىق چىگىش، بالىلىرىغا ئىسلامىي ئىسىم قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «ئىسلام ئەسەبىيلىكى» دىكى مۇھىم مىساللار بولماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر خىتايدا دىنىي ئېتىقاد بىر تۈرلۈك كېسەللىك، دەپ قارالماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى›نى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى داۋالايدىغان ‹دوختۇرخانا› دەپ ئاتىۋالغان. ئەمما بۇ جايدا ھېچكىمگە ئوكۇل سېلىنمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق شارائىتى تولىمۇ ناچار بولغان بۇ جايلارغا كىشىلەر ئاي-ئايلاپ قاماپ قويۇلىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت مۇشۇ يوسۇندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى تېببىي داۋالاشقا ئوخشىتىۋالغان بولسىمۇ، «داۋالاش» ھېچقاچان «يۇقۇملانغان بىمار» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، ئەكسىچە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر بۆلۈكى «ئوكۇل سېلىش» ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان. يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئاھالىنىڭ بەلگىلىك نىسبىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «داۋالىنىش» قا بېرىشى ھەققىدە كۆرسەتكۈچ چۈشكەنلىكى مەلۇم بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «بىمارلار» نى داۋالىشى «دوختۇرخانا» بىلەنلا تۈگىمەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «كېسەلنىڭ قايتا تۇتماسلىقى ئۈچۈن بىمارلار ئۆيلىرىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ھۇشيات بولۇشى، ئاممىۋى ئۆگىنىشلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىممۇنېنت كۈچىنى ئاشۇرۇشى لازىم» دەپ بەلگىلىگەن بولغاچقا بۇ خىل سىياسىي جەھەتتىكى مېڭە يۇيۇشنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت