ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك گراسلېي: «خىتاي دىنىي باستۇرۇشقا خاتىمە بېرىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.26

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى چاك گراسلي خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشقا قەتئىي خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

چاك گراسلېي بۇ ئاينىڭ باشلىرى كېڭەش پالاتاسىغا قارار لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خرىستىئان ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى.

ئۇ 25‏-ئۆكتەبىر «پولىتىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە قارار لايىھەسىدە خىتاينىڭ ئۆز ئاساسى قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، «پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1988‏-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى، فرانك ۋولف خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ۋە يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش تەدبىرى ئېلىشقا چاقىرىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا خرىستىئان پوپلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى، ‹ئىنجىل› نىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى، چېركاۋلارنىڭ چېقىلغانلىقىغا دائىر كىشىنى بىئارام قىلىدىغان خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا سولىدى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە شۇنداقلا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ئۇزۇندىن بېرى باستۇرۇپ كەلدى».

ئۇ يەنە بۇ يىلنىڭ باشلىرى «فوربېس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى قانداق چېقىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىپ، ساياھەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى، د ن ئا ۋە بارماق ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلەرنىڭ قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ «ئامېرىكا قۇرۇلغاندىن بېرى ئەركىنلىكنىڭ بايراقدارلىق رولىنى ئويناپ كەلدى. بىز بۇ ئەنئەنىمىزنى ئامېرىكىدا ۋە دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك،» دېگەن.

چاك گراسلېينىڭ ماقالىسى ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ماگنىتىسكيى يەر شارى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.