ئامېرىكىدىكى كاتولىك دىنى تەشكىلاتى: «خىتايدا رادىكال مىللەتچىلىك دىنىي ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى بىر خەلقئارا كاتولىك دىنىي تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە ھىندىستاندەك دۆلەتلەردە رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئېھتىياجلىق چېركاۋلار ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق مەزكۇر خەلقئارا كاتولىك دىنىي تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، دىنىي ئەركىنلىك دۇنيادىكى ھەر بەش دۆلەتنىڭ بىرىدە، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستاندا تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا بۇ خىل ھادىسىلەرگە بۇ دۆلەتلەردىكى «رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشى» تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كاتولىك تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى مارك فروماگېر پارىژدا چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ «مەسىلەن، خىتايدا چېركاۋلار چېقىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇشى چەكلەندى. تىبەت بۇددىستلىرى داۋاملىق جازالانماقتا،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، «كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەرىكىتى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلدى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى دۇنيادىكى 38 دۆلەتتە دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 18 دۆلەتنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. مارك فروماگېر پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا يەنە «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان دۈشمەنلىك ئېغىرلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، بىز بۇنىڭغا رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتالايمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت