خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنىڭ «سىڭىپ كىرىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى «مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئەسەبىيلىك ياكى زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى «سىڭىپ كىرىش» ياكى «كېڭىيىش» ئىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاي تەۋەسىگە چەتئەلدىن ھەرقانداق «ئىسلامىي» مەزمۇننىڭ كىرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدىكەن.

خىتاي «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ بۇ ھەقتە رويتېرسقا سۆز قىلىپ، «بەزىلەر دىنىي قائىدىلەرنى بەكلا تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ قانۇنىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتىدۇ. بىز بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ھوشيار بولمىساق بولمايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چەتئەلدىكى مەسچىت نۇسخىلىرىنى بىناكارلىق ئۈلگىسى قىلىش، ھالال بەلگىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، دىنىي بەلگىلىمىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەتبىقلاشنى تەشەببۇس قىلىش دېگەنلەر بىردەك قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن. ياڭ فامىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئىسلام دىنى جەزمەن تېخىمۇ قويۇق ھالدا خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى بويىچە راۋاجلىنىشى ھەمدە ‹ئەسەبىيلىك› كە قارشى تۇرۇشى لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پات-پاتلا «ئىسلام ئەسەبىيلىكى» گە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايغا قوشنا بولغان دۆلەتلەردىن «ئەسەبىيلىك ئۇرۇقلىرى» نىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئامىللارغا قاتتىق زەربە بېرىش لازىملىقىنى ئېيتىپ كەلگەن. ئەمما رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە پائالىيەتچىلەرنىڭ «قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە قارىتىلغان قاتتىق كونتروللۇققا جاۋاب تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان» دېگەن سۆزلىرى ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت