ۋىليام ياڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى ‹ئىسلاھ› قىلماقچىمۇ؟»

2019-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىملاپ تەكىتلەۋاتقان «دىننى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇش» چاقىرىقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ مۇخبىرى ۋىليام ياڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ قانداق مەقسەتنى كۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى: «مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنى كومپارتىيە بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.

ئەمما ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد سترائوپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئىسلامىي گۇرۇھلارنى ئىدارە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر ياقتىن ئىسلام دىنىدىكى ئەرەبلەرگە خاس ئالامەتلەرنى يوق قىلىشنىڭ يەنە بىر نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئەرەبچە ئۇسلۇبتىكى بەلگىلەرنىڭ ۋە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىنى مىسال قىلغان.

فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن بۇنى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايچە شەكىل ئالمىغانلىكى شەيئىلەرنى چەتكە قېقىش پىسخىكىىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەشەددىي تۈس ئالغانلىقى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئاتىئىزىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتايچە شەكىلگە ئىگە ئىسلام دىنىنى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلىماقچى. مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جامائىتىنى دۇنياۋى ئورتاق گەۋدىدىن ئايرىپ تاشلىماقچى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت