دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.19

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا ھەر يىلى 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە خىتايدا زور كۆلەمنى ئىگىلەيدىغان سوزۇلما كېسەللىكلەرنى دېڭىز ئاپىتى «سۇنامى» غا ئوخشاتقان. مەلۇمكى، سوزۇلما كېسەللىكلەر مېدىتسىنادا ئۆمۈرلۈك كېسەللىك دەپمۇ قارىلىدىكەن. ئادەتتە ئۆپكە راكى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت قاتارلىقلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈركۈمىگە كىرىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2012-يىللىق باياناتىغا قارىغاندا، خىتايدا 8 مىليون 600 مىڭ بىمار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى خىتايدا ئەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بەڭگىلەر ئىكەنلىكى، قورامىغا يەتكەن ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە تۆت كىشىنىڭ يېتەرلىك ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.