ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.14

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق 22 تەشكىلات 14‏-ئىيۇن كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى» دا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شا، شىۋېتسىيە پۇقراسى گۇ مىڭخەي، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، خىتاي ئۆكتىچى ۋاڭ چۈەنجاڭ، تىبەت پائالىيەتچىسى تاشقى ۋاڭچۇك قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە ئاشكارا ۋە خۇپىيانە دەۋەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى» 7‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىنغا ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى جېن-كلاۋدې جۇنكېر، ياۋروپا كېڭەشىنىڭ پرېزىدېنتى دونالد تۇسك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارى فېدىرىكا مۇگارىنى قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.

باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لوتې لېيچنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىچىلىرىنى قوللاشقا ۋەدە قىلغانلىقى، «مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئادا قىلىپ، ليۇ شا، گۇ مىڭخەي ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ۋاقتى كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدىكى ھېچقانداق بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قادىر بولالمىغانلىقى، ئۇنىڭ 2012‏-يىلى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيە رامكىسىدىكى «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى تولۇق قوللاش» ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

باياناتتا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىدە ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي جامائەتلەرنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرىنى سىستېمىلىق تۈردە رەت قىلىپ كەلدى ۋە قانۇنلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.