خىتايدا بىر كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.25

«پۇقرالار تۇرمۇشى ۋە كۆزىتىش» ناملىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تەھرىرى ليۇ فېييۇڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

مەزكۇر تور بېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ، بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتاينىڭ سۈيجۇ شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ليۇنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدا ئۆكتىچىلەر دائىم دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىپ كەلگەن. «پۇقرالار تۇرمۇشى ۋە كۆزىتىش» تورى 2006‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تور خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەن.

ليۇ فېييۇڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ماقالە يېزىپ كەلگەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تورى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈزلىگەن ئۆكتىچىنى پسىخولوگىيىلىك داۋالاش نامىدا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىغا قامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ليۇ فېييۇڭ بۇرۇن بىرقانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ ھەر قېتىملىق خەلقئارا يىغىن ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنلىرى مەزگىلىدە نەزەربەند قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.