خىتايدا 14 يىلدىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» تۈزۈش لايىھەسى سۇغا چىلاشقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.11.07

خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2002-يىلى «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» تۈزۈش ھەققىدە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا لايىھە سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە خىتايدا بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللانمىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە ساختىلىق ئىشلىتىش ياكى ساختا ماركا ياساش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» نى ماقۇللاش ئىشىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزمىگەن.

يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم «ھالال» تامغىسى بېسىلغان چوشقا گۆشى ياكى ساختا قوي گۆشلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەزگۈر مەسىلىدە ئىزچىل ھالدا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان.

بۇ يىل 18-ئاپرېل كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» تۈزۈش ھەققىدىكى لايىھەنى 2016-يىللىق قانۇن تۇرغۇزۇش كۈنتەرتىپىدە مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» تۈزۈش لايىھەسىدە چىڭ تۇرغان دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تۇڭگان مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋاللار 88 مىليون كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ۋە دىنسىزلىق تەرغىب قىلىنىدىغان خىتايدا «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» ماقۇللىنىشىدىن ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.