«پەن» ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتايدىكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.22

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى «پەن» قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جەمئىيەت بۇ دوكلاتنى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە تەۋە 300 دىن ئوشۇق چەتئەللىك مۇخبىر ۋە شۇنداقلا چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا تەييارلاپ چىققان ئىكەن.

«قارايتىلغان ئېكرانلار - خىتايدىكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر» نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات 76 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتايدا ژۇرنالىستلىق قىلىۋاتقانلارغا قارىتىلغان تەقىب، چەكلىمە ۋە ھەتتا زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش سەزگۈر رايونلاردىكى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالى «خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان 50 دۆلەتنىڭ ئالاھازەل 700 ئەتراپىدىكى مۇخبىر نۆۋەتتە خىتايدا يېقىنقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە» دەپ خۇلاسە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.