شېنجىن ئاياق زاۋۇتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-03-11
Share

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-مارت كۈنى شېنجىن شەھىرى يىلى زاۋۇتىدىكى 3000 نەپەر ئىشچى كوللېكتىپ ئىش تاشلاپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ نامايىش قىلغان.

نامايىش سەۋەبىدىن شېنجىن لوڭگاڭ رايونىدا يول توسۇلۇپ، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شېنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت زور تۈركۈمدىكى ساقچىلارنى ئەۋەتكەن. ساقچىلار بىلەن ئىشچىلار ئارىسىدىكى تىركىشىشتىن كېيىن، ئىشچىلار زاۋۇتقا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئەمما ئىشچىلارنىڭ قانداق شەرت بىلەن زاۋۇتقا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

تۈنۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان ئىشچىلاردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا تەيۋەنلىك خوجايىندىن يىلى ئاياق زاۋۇتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان يېڭى زاۋۇت باشلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى ئەسلىدىكى 4500 سومدىن 2500 سومغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. زاۋۇت دائىرىلىرى ئىش ھەققىنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشچىلارغا ئېنىق جاۋاب بەرمەي، زاۋۇتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى، ئىشچىلارنى نارازى قىلغاچقا دۈشەنبە كۈنىدىكى كوللېكتىپ ئىش تاشلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنجىندىكى يىلى ئاياق زاۋۇتى تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان زاۋۇت بولۇپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز زىيان تارتىشقا باشلىغان. بۇ سەۋەبتىن زاۋۇتنىڭ ئەسلىدىكى 20 مىڭ ئىشچىسى قىسقارتىلىپ، زاۋۇتتا 4000 غا يەتمەيدىغان ئىشچى قالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت