تونۇلغان خىتاي تارىخ پروفېسسورىنىڭ يېڭى كىتابى كىتابخانىلاردىن يىغىۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.12.03

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تونۇلغان تارىخ پروفېسسورى چىن خۇينىڭ يېڭى كىتابى كىتابخانىلاردىن يىغىۋېتىلگەن. كىتابنىڭ ئىسمى «پادىشاھلىق تۈزۈمدىن چىقىش» بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتور چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن جاڭ كەيشىنىڭ مىللەتچى رېجىمىغا بولغان دەۋر بايان قىلىنىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇنغا تايانغان بىر دېموكراتىيە تۇرغۇزۇش پىكرى ئىلگىرى سۈرگەن ئىكەن.

پروفېسسور چېن خۇي مالىيە ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىغا كىتابىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە «بۇ خۇددى ئۇلار بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇ توغرۇلۇق سېنى گەپ قىلغىلى قويمىغاندەك ئىش. مەن كىتابىمنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچالمايۋاتىمەن» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىر بېيجىڭدىكى كىتابنى نەشر قىلغان ئورۇنغا تېلېفون قىلىپ، كىتابنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغىۋېلىنغانلىقىنى سورىغىنىدا، بىر خادىم كىتابتا «سۈپەت مەسىلىسى» كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق رەسمىي كىتابخانا خادىمى بولسا كىتابنى «سېتىلىپ بولدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى بىر قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 4-دېكابىر كۈنىنى «ئاساسىي قانۇن» كۈنى قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتكەن ئىدى. پروفېسسور چېن خۇينىڭ كىتابى دەل بۇ خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا يىغىۋېلىنغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدا «دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش»، «ئەدلىيە مۇستەقىللىقى» ۋە شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.