خاڭجۇ شەھىرى شاخې بازىرىدا تارقىتىلغان بومبىدىن ساقلىنىش ئۇقتۇرۇشى ۋەھىمە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-10-02
Share

چەتئەللەردىكى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «بوشۈن» تورىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى سانىدا خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرى شاخې بازىرى 2-ئۆكتەبىر تارقاتقان بومبىدىن ساقلىنىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ فوتو رەسىمى بېرىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا كىشىلەر گۇاڭشىنىڭ لىيۇجۇ شەھىرى لىيۇ چىڭ ناھىيىسىدىن ئەۋەتىلگەن ھەرقانداق پوچتا يوللانمىسىنى ئاچماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە لىيۇجۇ شەھىرىدىن پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋالغان ھەرقانداق كىشى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندار ياسىغان 61 دانە بومىنى 61 جايغا يوللىغان، ھازىرغىچە بۇ بومبىلاردىن 18 دانىسى پارتلىغان، يەنە 43 دانىسى تېخى پارتلىمىغان ئىكەن.

«بوشۈن» تورىنىڭ بۇ رەسىم ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا، «لىيۇ جۇ شەھىرىدىكى پارتلاش گۇاڭشى ئۆلكىسىدىلا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قالماستىن، گۇاڭشىدىن يىراق بولغان جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلدى، شاخې بازىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. تۆۋەندىكىسىنى شاخې بازىرىدا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەسلى نۇسخىسى دەپ» يېزىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت