خىتايدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.04.06

خىتايدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتا باش كۆتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇقلۇق چېگراسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 5-ئاپرېل كۈنى 39 نەپەر يېڭى ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقىلىپ، يۇقۇمدار سانى 4-ئاپرېلدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئاپرېل كۈنى بايقالغان رەسمىي يۇقۇمدارلارنىڭ 30 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا يەنە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن.

خىتاي سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى 6-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، 5-ئاپرېل كۈنى بۇ خىل يۇقۇمدارلاردىن 78ئى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال بۇ خىل يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 49، دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، سودا، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت ئىشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان مەزگىلدە يۇقۇم قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى خىتاي زاۋۇت كارخانىلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكىگەن ئىدى.

خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى باشلىنىش بىلەن يۇقۇمنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى. رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ۋۇخەن شەھىرىگە قارىتىلغان قامالنى 8-ئاپرېل بىكار قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپىيىشى ئەندىشە قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئاپرېل يىغىن چاقىرىپ، قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.