«زىمىستان» تورى: «ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنى دوست تۇتقان خىتايلارنىڭ دوستىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.15

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورى 14‏-نويابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنى دوست تۇتسا دوستىنى يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى بىر خىتاي تىجارەتچى بىر ئۇيغۇر بىلەن سودا قىلىش جەريانىدا تونۇشۇپ دوست بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ دوستلۇق ۋاڭ يوڭ ئىسىملىك بۇ خىتايغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نازارەت ۋە كەمسىتىش ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، بۇ خىل كەمسىتىشنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يوڭ ئىسىملىك جياڭشىلىق يۇقىرىقى خىتاي پۇقراسى بىر قېتىم ئۇيغۇر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچى پونكىتىغا خەۋەر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ۋاڭ يوڭنىڭ ئۇيغۇر دوستىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ قايسى يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكىي ئۆلكىلەردە «شىنجاڭدىن كەلگەن كىشىلەر بىردەك تېررورچى» دەپ قارىلىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى كەڭ ئىجرا قىلىنىدىكەن.»

ۋاڭ يوڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭغا «ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرۇشىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېررورچى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ۋاڭ يوڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغانلىقىنى، ساقچىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە 2000 يۈەن جەرىمانە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يوڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە بۇ ئەھۋالنىڭ بۇ يىل6‏-ئايدا خېنەندىكى پۇياڭ شەھىرىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكى، ئون نەچچە ساقچىنىڭ بۇ شەھەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى بۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغۇزىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.