ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى پايدىسىز»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.12.22

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىغا بولغان جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گابرېللا پرايس خانىم سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى، تىنچ يىغىلىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلەشكە يول ئېچىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گابرىللا پرايىس خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي بۇ يىل ئىچىدە قوبۇل قىلىپ ماقۇللىغان دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنلىرىنىمۇ تەنقىد قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز مۈجمەل ئىبارىلەر بىلەن شەرھلەنگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەم شۇنداقلا بۇ يىل ئىچىدە قوبۇل قىلىنغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنلىرىنىڭ تېررورلۇق خەۋپىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا پايدىسىدىن بەكرەك زىيىنى كۆپلۈكىگە ئىشىنىمىز.»

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يېڭى يىل كىرىشتىن ئاۋۋال ماقۇللاپ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى ئۇلار بۇنىڭ تەييارلىقى سۈپىتىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئالاھىدە كومىسسارلىق ئورنىنى تەسىس قىلىپ، ليۇ يۆجىننى تېررورلۇققا قارشى تۇنجى كومىسسارلىققا تەيىنلىگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررور» غا قارشى يېڭى قانۇنى ئارقىلىق ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.