خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر قاچقۇنلاردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-08-31
Share

مەلۇم بولۇشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 28-ئاۋغۇست مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر قاچقۇنلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «تېررورلۇققا قارشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نامىدا چىقىرىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا «دىققەت، تېررورچىلار مىشەن ئېغىزى ئارقىلىق دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىگىلىشىمىزچە، تېررورچىلار خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چېگرا شەھەر ۋە ناھىيەلىرى ئارقىلىق رۇسىيە تەۋەسىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن ئۈچىنچى دۆلەتتىكى تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇن بازىسىغا بېرىپ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. مىشەن شەھىرى رۇسىيە بىلەن 200 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە. تېررورچىلارنىڭ مىشەن تەۋەسىدىن رۇسىيەگە ئۆتۈش ئېھتىمالى زور. ئۇلار ئەگەردە چېگرا بويىدا بايقالغان ھامان نەق مەيداندا ھۇجۇم قوزغاپ بىزگە قارشى "غازات" ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.»

ئۇقتۇرۇشتا يەنە «تېررورچىلار» نى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشتا ئۇلارنىڭ 7 تۈرلۈك گۇمانلىق ئالامىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە «شىنجاڭ تەۋەلىكىدىن كەلگەن، چىراي-شەكلى ۋە يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان گۇماندارلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش» ئەسكەرتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى چېگرا ئۆلكىلىرىدە بۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا چىقىرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇرلارغا پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن «دۈشمەن» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت