خېڭشۈي پۇتبول كۇلۇبى ئۇيغۇر پۇتبول نوتىلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2016.10.21
خىتاينىڭ خېنەن خېڭشۈي پۇتبول كۇلۇبى، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ خېڭشۈي پۇتبول كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان 9 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، يەرلىك ئامانلىق ئورگانلىرىنى ئاقلىغان.
يېقىندا، بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تېرىنىرى ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ «تېررورلۇق»نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، نوپۇسىنى ئولتۇرغۇزۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېڭشۈي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك بىر تېرىنىرى ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ «تېررورلۇق تەھدىتى» نى باھانە قىلىپ، بۇ بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئولتۇرۇشى، مەكتەپكە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ۋە پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتسىزلىك، دېگەن. تېرىنىر ۋاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر بۇ 9 ئۇيغۇر بالىدىن 4 ئى ئورۇنلىشىپ بولغان، قالغان 5 بالىنىڭ مەسىلىسىنى ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلەشمەكتىكەن.
ئۇ، «بۇ 9 بالىنىڭ شىنجاڭدىن كېلىپ، خېڭشۈيدە مەكتەپكە كىرىشى ۋە پۇتبول مەشىقىگە قاتنىشىش مەسىلىسى بولغاچقا، دائىرىلەر ناھايىتى ئېھتىيات قىلدى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەردىكى بۇ ئېھتىياتچانلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تېرىنىرى يېقىندا چەتئەل ئاخباراتىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 9 بالىدىن 4 نىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ يۇرتىدا نوپۇسىنى ئولتۇرغۇزالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.









