شى جىنپىڭنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈشى» ئىقتىسادىي ساھەگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-04-19
Share

خىتايدا يېڭىدىن ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەك يېڭى ئىستراتېگىيەنى بەلگىلەپ بەرگەنىدى. يېقىندا بۇ يوليورۇق بويىچە ھەرقايسى جايلاردا ئوتتۇرىغا چىققان قاتتىق قامال قىلىش چارىلىرىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ئىقتىسادىغا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 18-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2022-يىللىق 1-پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت ساھەسىدىكى ئېشىش سۈرئىتى شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى قامال قىلىش چارىلىرى ھەمدە بۇ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساھەدە كۈتكەن نەتىجىلەرنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. پارچە سېتىشمۇ ماس ھالدا ئىزچىل تۆۋەنلەپ ماڭغان. چوڭ سانائەت بازىلىرىنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ئۈچۈن مەجبۇرىي تاقىلىشى بولسا تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئ‍ۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ زور چەكلىمىلەرگە دۇچار قىلماقتىكەن. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ «ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىشى ھەر جەھەتتىن ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» چاقىرىقىغا ئەسەبىيلەرچە ئەگىشىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنى يېقىن ئارىدا ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوق ئىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭ «بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى غەلىبە. بىزنىڭ ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرىمىز غەربنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش چارىلىرىدىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل» دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» مۇ 17-ئاپرېلدىكى باش ماقالىسىدە «ھەممە ئىش ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش چاقىرىقى بويىچە داۋام قىلىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق كومپارتىيەنىڭ ھېچقاچان خاتا ئىش قىلمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

«ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى» (NIKKEI) نىڭ 18-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دولقۇنىدا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار سىياسىي شوئارلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ چاقىرىق «پۈتۈنلەي سىياسىيلاشقان يۇقۇم تەدبىرى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىز ئىجرا قىلغان يۇقۇمنى چەكلەش تەدبىرلىرى سانسىز ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى» دېگەن مەزمۇندىكى چاقىرىقى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلىدىغان 20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى رەئىسلىك ئورنى مۇتلەق مۇقىملاشقانغا قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىدىغان بولغاچقا بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت