يۇقۇمنى يوقىتىش مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت مارشىنىمۇ تىزگىنلەشكە ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-04-20
Share

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق باشقۇرۇشى بىلەن يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى يوقىتىپ نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى شاڭخەيدە زور كۆلەمدە ئاچارچىلىق ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي خەلقى خىتاي دۆلەت شېئىرىنى توۋلاپ قارشىلىققا ئۆتكەن: «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار!»

ئامېرىكادا چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مارشىنىڭ بۇ جۈملىسى شاڭخەي ۋە باشقا شەھەرلەردىكى خىتايلارنىڭ ئومۇمى خورىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي خەلقىنىڭ يۇقۇم سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى شوئارىغا ئايلانغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنى «جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقى» دەپ قاراپ، دۆلەت مارشىنى ئوقۇش ۋە توردا تارقىتىشنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

2022-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار» دېگەن جۈملىلەر چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، «مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بۇ بەت تاقالدى» دېگەن خەتلەر كۆرۈنگەن. خىتاينىڭ بۇ خىل سەزگۈر نەرسىلەرنى چەكلىۋېتىشى دائىم كۆرۈلىدىغان ئىش بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان كۈنلەردىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرى پەقەت رۇسىيەگە يان باسىدىغان پىكىرلەرگە ئورۇن بېرىپ، باشقىلىرىنى چەكلىگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت پىكرىنى قاتتىق كونترول قىلغان ئەھۋالدا خىتاي پۇقرالىرى يېڭى، ئىجادىي ئۇسۇل بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ خىتاي تور ساقچىلىرى دائىم شى جىنپىڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دېگەندەك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاپ تۇرىدىكەن. بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت مارشىدىن چاتاق تاپالمىسىمۇ، ئۇنى سۈيئىستېمال قىلىنغان، مەقسەت بۇرمىلانغان دەپ قاراپ چەكلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت