خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىدە پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.03

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىدە 2002‏-2003-يىلىدىكى سارس ۋىرۇسى پەيدا قىلغاندەك پاتىپاراقچىلىق پەيدا قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار 44 كە يېتىپ بارغان، 121 ئادەم گۇمان بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان. خەۋەردە ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم-يېتىم يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدارلاردىن 11 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى بىلدۈرۈلدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى نۆۋەتتە مەزكۇر ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەىسىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى، قۇش زۇكامى ياكى دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكى ئەمەسلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002‏-2003-يىلىدىكى سارس ۋىرۇسى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، ۋىرۇس تارقالغانلىقىنى بىر مەزگىل يوشۇرغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. شۇ قېتىمقى سارس كېسەللىكى ۋەقەسىدە دائىرىلەر مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان. بۇ ۋەقە خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر پاتىپاراقچىلىق پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. 

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ تىپى ۋە كېلىش مەنبەسى تەجرىبىخانىدا جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇققانلىقى ياكى دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئالامەت بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭ، تەيۋەن، سىنگاپور ئايرودروملىرىدا يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.