جېيمىس لېيبولد: «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار گۇلاگىنى ئەيىبلەشنىڭ ۋاقتى بولدى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.19

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «ساقچى دۆلىتى» شەكلىدىكى كونتروللۇق سىستېمىسى بەرپا قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ماس ھالدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى. ئەمما دۇنيانىڭ بۇ ھەقتە ئۇنچە قاتتىق مەيداندا بولمايۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا خەلقئارادا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن جېيمىس لېيبولد بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنە بىر قېتىم قەلەم تەۋرىتىپ تاشقى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مىللەتشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى بولغان جېيمىس لېيبولد 19-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى ئەڭ ناچار رېكورت ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ جايدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇنيانىڭ ئانچە كۆپ مەلۇماتلىق ئەمەسلىكىنى، بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان ساھەلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىردى. 

پروفېسسور لېيبولد يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان، ئەمما ئاللىقاچان «گۇلاگ» شەكلىنى ئالغان بۇ مۇئەسسەسىلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ شۇنىڭدەك كانادا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەۋاتقاندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈگۈلۈۋېلىش مەۋقەسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭمۇ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيەدىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خورلۇقلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىغا قاراپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە باھا بېرىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.