ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرلىقى ئامېرىكىلىقلارنى خىتايغا ساياھەتكە بارغاندا دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.03

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خىتايدا تۇرۇۋاتقان ياكى ساياھەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇقتۇرۇشتا ئامېرىكا-خىتاي قوش دۆلەت پۇقرالىقى سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چىگرادا تۇتۇپ قېلىنىشتەك ئېھتىماللىقلار ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان 2-دەرىجىلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا ئىلگىرىكى ئۇقتۇرۇشلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى چېكىدىن ئاشقان ۋەزىيەتمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مالىيە مۇدىرى مېڭ ۋېنجۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

كانادا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مېڭ ۋېنجۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قولغا ئالغان ئىدى. گەرچە خىتاي بۇنىڭ خۇاۋېي دىرېكتورىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئالاقىسىنى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ھەممىسى بىردەك بۇنىڭ بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.