ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «خىتايدىن خالىي» تېخنىكىلىق مەھسۇلات تەمىنلەش لىنىيەسى بەرپا قىلماقچىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-24
Share

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 24-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ ئايدا بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە، كورېيە ۋە تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزەك ئىشلەش ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئىكەن.

مەزكۇر بۇيرۇقتا «ئىتتىپاق ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۈچلۈك ۋە جانلىق تەمىنلەش لىنىيەسى بەرپا قىلىش» دېيىلگەن بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت بۇ پىلاننىڭ يادروسى ئىكەن. ئامېرىكا بۇ پىلان ئارقىلىق ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن بىلەن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىدىكەن، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە بىلەن سىرەك يەر (مېنىرال توپا) سودا ھەمكارلىقى بەرپا قىلىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، جو بايدىن ئىمزالىغان بۇيرۇق ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان تەمىنلەش لىنىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بولۇپ، خىتاينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ئاساسىي نىشان قىلىنغان. ئىتتىپاقداش ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تۈرلەر ئۆزەك قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتتىن باشقا يەنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئېلېكترىك ماشىنىلارنىڭ باتارىيەسى، مېنرال توپا مېتاللىرى، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت