خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سەھىيە ياردىمى» تەشۋىقاتى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساغلاملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى» نىڭ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى خىتاينىڭ سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇتەللىپ روزى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىل ئاۋغۇستقا قەدەر كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىققا گىرىپتار بولغان 40 مىڭ ئائىلىلىكتىن 22 مىڭ ئائىلىلىك نامراتلىقتىن خالاس بولغانلىقىنى، ئۆتكەن مەزگىللەردىكى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»، شۇنىڭدەك «كېسەل بولسىمۇ داۋالىتالماسلىق» ھالىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىر قاتار پاراۋانلىق ۋە ياردەم سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى سۆزلىگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇتەللىپ روزى يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 1949-يىلىدىن ئىلگىرىكى 30 ياشتىن 2018-يىلىغا كەلگەندە 72 ياشقا يەتكەنلىكىنى، يەنە مۇشۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، دوختۇرخانا ۋە كېسەل كارىۋاتلىرى سانىنىڭ ھازىر 1949-يىلىدىكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سەھىيە خىزمىتى ساھەسىدە مۇشۇنداق «غايەت زور تەرەققىيات» قا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇنى «نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى چۇقانلارنى بېسىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا بەك كۆپ ياردەم قىلدۇق، دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. مىليونلىغان ئادەمنى لاگېرلارغا قامىۋەتكەن ھۆكۈمەت قايسى يۈزى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى داۋراڭ قىلىۋاتىدۇ؟» دېدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سەھىيە ئىشلىرىغا غايەت زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، لاگېردىن چىققانلارنىڭمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئېغىر روھىي قىيناقلار دەستىدىن ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلىقىدىكى ئەرۋاھسىمان ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت