ئامېرىكا جازا تەدبىرى قويغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.17

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى» دەپ ئاتالغان 18 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان بىڭتۇەنگە، باشقا نۇرغۇن شىركەت ۋە كارخانىلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر رايونلۇق تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىشخانىسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ خىزمەت لايىھەسىدە «ھەرقايسى جايلارنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش نىشانىنى ئورۇندىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە ياردىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىشىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ مەسىلە ئىنكاس قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك،» دېگەندەك تەكلىپ-پىكىرلەر ئورۇن ئالغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنى ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى جازالاش يولىدىكى قازانغان نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 14-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى «بەش خىل تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، يەنە بەش ئورۇن تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ بېكىتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئامېرىكانىڭ بۇنداق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.