بىرمالىق تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «گۇلاگلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-03
Share

بىرمالىق تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دوكتور مائۇڭ زارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار سەۋەبلىك بېيجىڭنىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «يەرشارى خىتاي دىئالوگى» ناملىق يىغىننى بايقۇت قىلغان.

5‏-نۆۋەتلىك «يەرشارى خىتاي دىئالوگى» ناملىق بۇ يىغىن بۇ يىل 7‏-دېكابىر برىتانىيە ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. دوكتور مائۇڭ زارنى مەزكۇر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يىغىندا «ۋارۋارلىق جىنايىتى ۋە بىر قانچە خىل ئىچكى ھەم دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشلار دەۋرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان. بىراق ئۇ 30‏-نويابىر كۈنى «يەرشارى خىتاي ئىنستىتۇتى» نىڭ باشلىقى، مەزكۇر يىغىننىڭ ساھىبخانا چاڭ شياڭچۈنگە مەكتۇپ يېزىپ، يىغىننى بايقۇت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ مەكتۇپتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، بىر بۇددىست تەربىيەچى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىرقىي زوراۋانلىققا قارشى بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى 3 كۈنلۈك بۇ يىغىنغا ۋىجدانى بۇرچ سەۋەبىدىن قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «ھاكىمىيەتتىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۈگۈن شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى سىستېمىلىق، ئىرقىي مەقسەتلەردە جازالاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك تەنقىدلەرنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئانىسى ئىككى ھەپتە ئاۋۋال جازا لاگېرىدا ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرنىڭ 20 يىلدىن بېرى ئانىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ھەربىيلەر كونتروللۇقىدىكى بىرمالىق بىر مۇساپىر، ئانام بۇ يىل 2‏-ئايدا ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن 30 يىل ئىچىدە ئۇنى ئاران 3 قېتىم كۆرگەن كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك چوڭقۇر ئازابىنى ھېس قىلىپ يەتتىم» دېگەن.

ئۇ يەنە گېرمانىيە مۇخبىرلىرىنىڭ، ب ب س نىڭ ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش دۇنيادىكى خىتايغا دوستانە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ، خىتاينى بۇ چوڭ بالايىئاپەت يولىدىن قايتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن».

مائۇڭ زارنى بۇ مەكتۇپنى يېزىشتىن سەل بۇرۇن دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت