ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايغا قانداق قارشى تۇرۇش توغرۇلۇق سىياسىي مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.06.29

خىتاي تەھدىتىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى سىياسەتچىلەر بۇ زور تەھدىتكە قارشى تۇرۇشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

«سودىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى» (Business insider) تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ دەۋرىدىن كېيىن ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن، يەنى ئامېرىكالىقلار ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىشنى تاشلاپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە ھوشيار بولۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكا خەلقىدىكى بۇ يۈزلىنىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ ئەكس ئەتكەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش مەيدانىدا تارىختا ئاز كۆرۈلگەن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق شەكىللەنگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇن لايىھەسى (SCA) دىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە دۇنيانى كونترول قىلىش غەرىزىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى توسۇش مۇھىم نىشان قىلىنغان، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىمۇ نەزەرگە ئېلىنغان.

ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەدبىرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدىكى تۈپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئامېرىكا گەرچە «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق قانۇن لايىھەسىدە «تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىۋېتىش ئامېرىكانىڭ مۇھىم مەنپەئەتى» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكانىڭ 1979-يىلدىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان، «خىتاي بىلەن تەيۋەن مۇناسىۋىتىدە خىتايغا يول قويۇش ۋە ئۆزئارا توقۇنۇشماسلىق» سىياسىتىنى بىكار قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.