ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 60 تەك پارلامېنت ئەزاسى ۋاشىنگتوندا خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى

شىمالى ئامېرىكا، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا 60 تەك پارلامېنت ئەزاسى ۋە سىياسىيونى 13-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا يىغىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنىي تەرتىپكە پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، بولۇپمۇ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن قانداق تازىلاشنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دېموكرات باب مەنەندەزنىڭ ساھىبخانلىقى، قوشۇمچە ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇىبيو، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

IMG_8951.JPG

ماركو رۇبىيو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك تەسىرى بار كۈچ خىتاي بولۇپ قالسا، دۇنيا قانداق جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ خىتاي ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن كارى يوق، پرىنسىپ ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلەرگە پەرۋايى پەلەك. ئۇ دۇنيانىڭ بارلىق ئاساسى قانۇن ۋە ئۆلچەملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئويلايدۇ».

IMG_8766-1.jpg

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى باب مەنەندەز: «21-ئەسىردە بىز مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشىنى كۆرىمىز، دەپ كىم ئويلىغان؟ خىتاي خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلماقتا. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، تەيۋەنگە تەھدىت سالماقتا» دېگەن.

IMG_8871.jpg

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ھېلېنا كېنىدى بولسا، «ئەگەر بىز تېخىمۇ ياخشىراق بىر كېلەچەكنى ئارزۇ قىلساق، ئۇنداقتا بىز بىرلىشىشىمىز ھەم بۇ ئىشتا ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاخبارات يىغىنىغا ماركو رۇبىيو، باب مەنەندەز، بارونە ھېلېنا كېنىدى بىلەن بىرگە، بېلگىيە پارلامېنتى ئەزاسى كوگولاتى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى مېرىيام لېكسمان، ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى ياسۇئې فۇناياما، ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئەزاسى ئالېكساندىر مېرېژكو، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئەزاسى پېتىر خالىل، فىجى پارلامېنتى ئەزاسى لېنورا، تەيۋەن پارلامېنتى ئەزاسى فان يوڭ قاتارلىقلار قاتناشقان.