5 دۆلەت ئىستىخبارات ئورگىنى خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-10-12
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ كەلگەن 5 دۆلەت بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق 5 دۆلەت خىتاينىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە، بۇ مەسىلىدە گېرمانىيە ۋە ياپونىيە بىلەنمۇ ھەمكارلاشماقتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇنى، خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە مەبلىغىگە قارشى شەكىللەنگەن خەلقئارا فرونتنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇر يۇقىرىدىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدە ئىشلەيدىغان 7 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. ئۇلار مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك ئىسمىنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ بەرگەن ئۇچۇرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى چېكىدىن ئاشقان پوزىتسىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھازىر ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار نۆۋەتتە بىر قىسىم ئوخشاش كۆز قاراشلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئارقا سەپتە جىددىي خىزمەت قىلماقتىكەن. بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلارغا يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتنىشىدىكەن. مۇشۇ ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىپ تۇرۇۋاتقان خادىملاردىن بىرى رويتېرسقا: «بىز يېڭى بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ دىكتاتور دۆلەتتىن كەلگەن تۇيۇقسىز چۆچۈش بىزنى ھەمكارلىشىشقا ئۈندىدى» دېگەن.

رويتېرسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» دەيدىغان شوئارىدىن بىئارام بولۇۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تارتىشنى ئارزۇ قىلغان. بىراق يۇقىرىدىكى خەۋەرلەر ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ رېئاللىقتىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت